ئوچۇق مەنبە مەخپىيەتلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق ئوي-پىكىرنى ئەركىن ئىپادىلەشنى ۋە دۇنياۋىي ئالاقە بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز.

ۋەزىپىمىز

ئوچۇق مەنبە مەخپىيەتلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق ئوي-پىكىرنى ئەركىن ئىپادىلەشنى ۋە دۇنياۋىي ئالاقە بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز.

مەخپىيەتلىك بىرىنچى

بايراقدار مەھسۇلاتىمىز Signal Messenger ئارقىلىق تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى «مەسئۇلىيەتچانلىق» بىلەن باشقۇرۇپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ھېچكىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ھەتتا بىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوچۇق مەنبە

ئوچۇق مەنبە مەھەللىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تېخنىكا ۋە بىلىمىمىزنى ئورتاقلىشىپ، باشقا شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلىرىدا بۇلارنى قوللىنىشىنى رىغبەتلەندۈرىمىز.

تاپاۋەتسىز

Signal فوندى ئا ق ش 501c3 قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن تاپاۋەتسىز تەشكىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز تاپاۋەتسىز تەشكىلات بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ۋە تاپاۋەتسىز تەشكىلاتلارنىڭمۇ پايدا قوغلىشىدىغان شىركەتلەرگە ئوخشاش يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمىز.

فوند + LLC

Signal فوندى 2012-يىلى بارلىققا كەلگەن Signal ئۇچۇرلىشىش ئەپىنى قوللاش ئۈچۈن 2018-يىلى قۇرۇلغان. Signal نىڭ تەرەققىياتى، تەمىنلەۋاتقان مۇلازىمەتلىرى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىشىشنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بۇ فوندنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

پايدا ئەمەس، مەخپىيەتلىك مۇھىم

Signal ئېلان بېرىشكە ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى سىزگە ئوخشاش ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئۇنىڭ قەدىرىنى قىلىدىغانلارنىڭ قوللىشى بىلەن يۈرۈشىدىغان تاپاۋەتسىز ئەپ.

نېمە ئۈچۈن فوند + LLC قۇرۇلمىسىنى قوللاندۇق؟

كەلگۈسىدە Signal فوندى رامكىسى ئىچىدە ئوخشاش بۇرچ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان باشقا مەخپىيەتلىك قوغداش تۈرلىرىنى روياپقا كەلتۈرۈش بىز Signal فوندىنى Signal Messenger نىڭ ئانا گەۋدىسى قىلىپ قۇردۇق.

ھەممەيلەنگە ھەقسىز

Signal Messenger نى دۇنيا مىقياسىدىكى مىليونلىغان كىشلەرنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشى ئۈچۈن بىز كەڭ جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج. بۇ تىرىشچانلىقىمىزنى قوللاشنى خالامسىز؟

ھەيئەت ئەزالىرى

ئامبا كاكنىڭ سۈرىتى

Amba Kak

ئامبا كاك ئادوۋكات ۋە تېخنىكا سىياسىتى مۇتەخەسىسسى بولۇپ، ئۇ ئون يىلدىن كۆپرەك كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى، كەسىپ-ساھە ۋە پۇقراۋىي ئىجتىمائىي ئورگان قاتارلىقلارنى مۇتەخەسىس مەسلىھەتى بىلەن تەمىنلەش تەجرىبىسىگە ئىگە. ئۇ ھازىر نىيۇيوركتىكى ساھەنىڭ ئالدى بولغان AI Now ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ۋە شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىك ئىنستىتۇتىدا ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ.

ئامبا ئامېرىكا فېدېراتسىيە سودا كومىتېتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان تېخنىكا مەسىلىلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. ئۇ AI Now غا كېلىشتىن بۇرۇن، ئامبا Mozilla نىڭ دۇنياۋىي سىياسەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە باشقا رايونلاردىكى سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى قانۇنى ۋە تور بىتەرەپلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە تەشكىلاتنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغا ۋە ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ھازىر Mozilla فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت پروگرامما كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. ئامبار ھىندىستان دۆلەتلىك قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە LLB باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا (پەخرىي)، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا (BCL) ۋە ئىنتېرنېت ئىجتىمائىي پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە ھەمدە رودوس تەتقىقاتچىسى بولۇپ تۇرغان.

بريان ئاكتوننىڭ رەسىمى

Brian Acton

بريان ئاكتون (Brian Acton) 2009-يىلى ئۇچۇرلىشىش ئەپى WhatsApp نى بىرلىشىپ قۇرغان كارخانىچى ۋە پىروگرامما تۈزگۈچى بولۇپ، 2014-يىلى WhatsApp ئەپىنى Facebook سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئاكتون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە نىشانلىق ئېلانلارنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا شىركەتتىكىلەر بىلەن ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، بۇ شىركەتتىن ئايرىلغان ۋە زېھنىنى تاپاۋەتسىز كارخانا بەرپا قىلىشقا قاراتقان. 2018-يىلى 2-ئايدا ئاكتون ئۆز يېنىدىن 50 مىليون دوللار پۇل چىقىرىپ، موشىي مارلىنسىپايك (Moxie Marlinspike) بىلەن بىرلىكتە Signal فوندىنى قۇرغان. Signal فوندى بولسا شەخسىي ئالاقىنى ئاممىباب، بىخەتەر ۋە ھەەمە جاينى قاپلىغان ھالەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي خىزمەتلەرگە ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر تاپاۋەتسىز ئورگان.

ئاكتون WhatsApp ۋە Signal فوندىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن Apple، Yahoo ۋە Adobe دېگەندەك شىركەتلەردە 25 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يۇمشاق دېتال ياسىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

جەي سۇللىۋاننىڭ سۈرىتى

Jay Sullivan

جەي ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلات ۋە ئىستېمال تېخنىكىسىدىكى ئىنژېنېرلىق رەھبەرلىك جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە مەھسۇلات قۇرغۇچى. يېقىندا ئۇ Twitter نىڭ ئىستېمالچىلار ۋە كىرىملىك مەھسۇلات بۆلۈمىنىڭ باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئىنژېنېرلىق، مەھسۇلات، لايىھە، تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇمات ئىلىمى قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان. Twitter غا كىرىشتىن بۇرۇن، جەي Facebook دا خىزمەت قىلغان بولۇپ، Facebook دا ئالدى بىلەن Reality Labs' AI ياردەمچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان، ئاندىن Messenger ۋە Instagram Direct نىڭ مەخپىيەتلىك، ئىشەنچ ۋە سىستېما مەھسۇلات گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان. جەي بۇرۇن Mozilla نىڭ مەھسۇلات ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن. Mozilla نىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، ئۇ Firefox نىڭ ئاساسلىق نەشرىنى تارقىتىشقا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ تور سۇپىلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ توردا تېخىمۇ كۆپ تاللىشى ۋە كونترول قىلىش ھوقۇقى بولۇشنى تەرغىپ قىلغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جەي ھەم بىر يېڭى قۇرۇلغان شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ خىزمەت ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا Firefly تورى (Microsoft سېتىۋالغان) ۋە Oracle دا يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ۋە ئىنژېنېر دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن.

جەي يالې ئىنستىتۇتىنىڭ قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ، ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر قانچە پاتېنتنىڭ ئورتاق كەشپىياتچىسى.

كاتېرىن ماھېرنىڭ سۈرىتى

Katherine Maher

كاتېرىن ماھېر Wikimedia فوندىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە ئىجرائىيە دېرىكتورى بولۇپ، Wikipedia گە مەسئۇل. ئۇ ھازىر ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ دائىملىق تۇرۇشلۇق بولمىغان ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ئۇنىڭ خىزمىتى تېخنىكا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى ئاساس قىلىدۇ. Wikimedia غا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ رەقەم ھوقۇقى تەشكىلاتى Access Now نىڭ تەشۋىقات دىرېكتورى بولۇۇپ ئىشلىگەن. ماھېر تاشقى ئىشلار كومىتتېتىنىڭ نۆۋەتلىك ئەزاسى، دۇنيا ئىقتىساد يىغىنىنىڭ يەرشارى ياش يېتەكچىسى ۋە ترۇمان دۆلەت بىخەتەرلىكى تۈرىنىڭ بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى. ئۇ تېخنىكا ۋە دېموكراتىيە مەركىزى، «ئىستېمالچىلار دوكلاتى»، ئامېرىكا رەقەملىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىسى، تەۋەككۈلچى ئالىم ۋە System.com نىڭ مۇدىرىيىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ھەم بېيرۇت ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى كېڭىشىنىڭ تەيىنلەنگەن ئەزاسى بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا تېخنىكا سىياسىتى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ. ئۇ 2005-يىلى نيۇ-يورك ئۇنۋېرسىتىتى سەنئەت ۋە پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام تەتقىقاتى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇ مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېت ئەرەپ مەكتىپىدە ۋە سۇرىيەنىڭ دەمەشىقدىكى فرانسىيە ئەرەب تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا (L'IFEAD) ئوقۇغان.

مېرېدىس ۋىتتاكېرنىڭ (Meredith Whittaker) رەسىمى

Meredith Whittaker

مېرېدىس ۋىتتاكېر (Meredith Whittaker) بولسا Signal نىڭ لىدىرى ۋە Signal فوندى ھەيئىتىنىڭ دىرېكتورى.

ئۇنىڭ سانائەت، ئىلىم-پەن ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىگە چېتىلغان 17 يىلدىن ئارتۇق تېخنىكا تەجرىبىسى بار بولۇپ، Signal غا لىدېر بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇ نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىندېرو (Minderoo ) تەتقىقات پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئۆزى قۇرغان AI (سۈنئىي ئاڭ) ئىنستىتۇتىنىڭ فاكۇلتېت مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئىلمىي خىزمىتىنىڭ دۇنيا AI (سۈنئىي ئاڭ) سىياسىتىنى تۈزۈشكە ياردىمى چوڭ بولغان ۋە كىشىلەرنىڭ AI (سۈنئىي ئاڭ) غا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرنىڭ زامانىۋى AI ( سۈنئىي ئاڭ) ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆزىتىش خاراكتېرلىك سودا پائالىيىتى ۋە سانائەت بايلىقىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلغان. نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ Google دا ئون يىل ئىشلىگەن ۋە بۇ جەرياندا مەھسۇلات ۋە تۈر گۇرۇپپىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان، Google نىڭ ئوچۇق تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان ۋە بىرلىكتە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان تور ئۆلچەم سۇپىسى M-Lab نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، M-Lab ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تور ئىقتىدار ئوچۇق مەنبە سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپا. ئۇ يەنە Google نىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە ياردەملەشكەن بولۇپ، شىركەتنىڭ AI (سۈنئىي ئاڭ) ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدىكى قىزىق نۇقتىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى يادرولۇق تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا Google Walk ھەرىكىتىنىڭ يادرولۇق تەشكىللىگۈچىسى. ئۇ ئاقساراي، FCC، نيۇ-يورك شەھىرى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە باشقا نۇرغۇن ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا شەخسىي مەخپىيەتلىك، بىخەتەرلىك، AI (سۈنئىي ئاڭ)، ئىنتېرنېت تور سىياسىتى ۋە ئۆلچەم توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى رەئىسىنىڭ AI (سۈنئىي ئاڭ) يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

پەخرىي سابىق ئەزالار

موشىي مارلىنسىپايكنىڭ (Moxie Marlinspike) رەسىمى

Moxie Marlinspike

موشىي مارلىنسىپايك (Moxie Marlinspike) بولسا Signal نىڭ قۇرغۇچىسى.